تەيۋەندە گومىنداڭنىڭ دۆلەت مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە ئاۋاز قويۇش مەسىلىسى تالاش- تارتىشتا
2008.01.02
تەيۋەندە مىنجىنداڭ پارتىيىسى 12 - يانۋار كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان پارلامىنت سايلىمى بىلەن گومىنداڭنىڭ دۆلەت مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە ئاۋاز قويۇشنى بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەكلىپ گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن ھازىرغا قەدەر تېخىچە تالاش-تارتىشتا تۇرماقتا.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەندە دېموكراتىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، گومىنداڭ پارتىيىسى تەيۋەندە پارتىيە بىلەن دۆلەتنى بىر گەۋدە قىلىش سىياسىتى ئارقىلىق، ناھايىتى كۆپ يەر-زېمىننى ۋە سانائەت-سودا، پۇل- مۇئامىلە، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ھەر خىل شىركەتلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، دۇنيا بۇيىچە پارتىيە مۈلكى ئەڭ كۆپ پارتىيىگە ئايلانغان ئىدى. گومىنداڭنىڭ پارتىيە مۈلكىنىڭ ئاساسىي قىسمى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىگىلىۋالغان ئەسلىدىكى ياپونىيە مۈلكى.گومىنداڭ پارتىيىسى2000 - يىلى تەيۋەندە تەخىتتىن چۈشۈرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۈلكى 'چەتئەل مەبلىغى' دېگەن نام بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇققا ئېقىپ كىرىپ سىڭىپ كېتىشكە باشلىدى.
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن گومىنداڭنى بۇلاڭچىلار گۇرۇھى دەپ ئاتاپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ تەيۋەندە ئىگىلىۋالغان بارلىق مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنى ئەيىبلىدى
- تەيۋەندە سىياسىي جىنايەتچىلەر تۈرمىسى كىشلىك ھوقۇق باغچىسىغا ئۆزگەرتىلدى
- خۇ جىنتاۋ بىلەن جورج بۇش تېلېفوندا تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
- تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ كەيشىنى ئۇلۇقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەدبىرى بۈگۈن يەنە گومىنداڭچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
- تەيۋەن، بىر خىتاي ئادۋۇكاتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەرز سۇنۇش ئورگانى ئەزالىقىغا قارشى چىقتى
- تەيۋەن خەلقى 'ئۇيغۇر 12 مۇقامى' نى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننى قوللاش ھەرىكىتى
- خىتاي -تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا جاسۇس تۇتۇش بۇيىچە يەنە بىر جىددىي جەڭ باشلاندى
- چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى (1)
- چېن شۈيبيەن : بىر جۇڭگو پرىنسىپى تەسلىم بولۇش كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ









