خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشخانىسى تەيۋەن مۇستەقىللىقى تەۋەككۈلچىلىق دەپ جاكارلىدى


2007.05.30

كوممۇنىست خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشخانىسى 5 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى، تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ 'تەيۋەن نورمال دۆلەت' دېگەن باياناتىغا قارشى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ 'تەيۋەن مۇستەقىللىقى تەۋەككۈلچىلىق' دەپ جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشخانىسى تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ 'تەيۋەن نورمال دۆلەت' دېگەن باياناتىدىكى 'توغرا نام قوللىنىش'، 'خىتاي دېگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش' ، 'ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى' دېگەن سىياسەتلەرنى ۋە تەيۋەننىڭ تەيۋەن دېگەن نام بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشكە ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

تەيۋەندىكى دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ 'ھازىر تەيۋەندە 75%-80% خەلق ئۆزىنى 'جۇڭگولۇق' دەپ ھېسابلىمايدۇ. 90% دىن ئارتۇق خەلق تەيۋەننىڭ ئىستىقبالىنى تەيۋەنلىكلەر ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇ ئورتاق كۆز قاراش. تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلق ئۆزى بەلگىلەيدۇ' دەپ بايان قىلغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.