ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ما يېڭجېنىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى مۇزاكىرە قىلماقتا
2008.03.29
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى، يېقىندا تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان، ما يېڭجېنىڭ پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈش، تەلىپىنى، مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ما يېڭجى خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت جىددىي ئەھۋالنى يۇمشىتىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇدىغانلىقىنى، بايان قىلماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى شۇن ماككورنىڭ، جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ما يېڭجى 20 - مايدىن بۇرۇن يەنى تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش ئارزۇسىنى ئۇچۇق بايان قىلدى. بىز ئۇ نىڭ تەلىپى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، دېگەن.
گەرچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، 1979 - يىلىدىن بېرى،يەنى بېيجىڭ بىلەن رەسمىي دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، بىر جوڭگۇ پرىنسىپىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تەيۋەن بىلەن بولغان يېقىن ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن تەيۋەننى ھەر خېل قورال-ياراقلار بىلەن تەمىنلىمەكتە.
ۋاشىنگتوننى نۆۋەتتە تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتى، تەيۋەن پرېزىدېنتلىرىنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىمەكتە. تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ما يېڭجې 2006 - يىلى يەنى تەيبى شەھەر باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىدىن تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىمىلىرى يۆتكەپ بېرىلغانلىقى قانداق ۋەقە؟
- ما يىڭجيۇ، ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىماقتا
- تەيۋەندىكى سايلامدا ما يىڭجيۇ 58 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ پرېزىدېنت بولدى
- ئامېرىكا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەربىي خامچوتنى كۆپەيتىش مەسىلسىدە ئوچۇق بولۇشقا چاقىردى
- تەيۋەن خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى
- خىتاي كوسوۋادا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ساقچى ئەۋەتمەكچى
- تەيۋەن پرېزىدېنتى سپراتىلى تاقىم ئاراللىرىنى زىيارەت قىلدى
- تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش رېفىراندۇمىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- جەنۇبىي سپراتلى تاقىم ئاراللىرىدا تەيۋەننىڭ ئايرودروم قۇرغانلىقى خىتاينى غەزەبلەندۈردى
- ئامېرىكا گېنېرالى خىتاي ھەربىي قوراللىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى
- تەيۋەن ھەربىي مانېۋىردا ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى نامايەن قىلدى
- دېموكراتىيە تۈزۈمى مۇستەبىت تۈزۈمنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟









