خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما ئەلچىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قارشى ئالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ئەلچىلىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىنى "بىر ياخشى ئىش" دەپ تەرىپلىدى.

دالاي لامانىڭ ئىككى ئەلچىسى،دالاي لاما بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى يىل ئاۋۋال قايتا ئورنىتىلغان ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى.

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ھەر يىلى چەتئەلدىكى نۇرغۇن تىبەتلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ زىيارەت قىلىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە دالاي لاما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ، "بۇ ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى تەرەققىياتلارنى ۋە ۋەزىيەتنى توغرا چۈشىنىشىگە ياردىمى بولىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

دالاي لامانىڭ ئىككى ئالاھىدە ئەلچىسى لودى گەرى ۋە گېلساڭ گيالتسېن بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان بەزى رايونلارغا بارىدۇ. دالاي لاما ئۆز ۋەكىللىرىنىڭ خىتايدىكى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.(ئارزۇ) مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلدى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.