خىتايدا تىبەتلەرگە قارشى نامايىش

شەنبە كۈنى، خىتاينىڭ ۋۇخەن، خېبى، بېيجىڭ ۋە كۇنمىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە، تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە فرانسىيىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە شۇنىڭدەك ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ پارىژ دىن ئۆتۈشى جەريانىدا، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.19

 تىبەتنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قارشى شۇئارلار يېزىلغان، لوزۇنكىلارنى كۆتەرگەن نامايىشچىلار، ئولىمپىك يىغىنىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، خەلقنى فرانسىيە تاۋارلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.

گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق نامايىشلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزىچىلەر بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قوللۇق تەشكىللەۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا.

ھەتتا، نۇرغۇنلىغان خىتاي زىيالىيلىرى، خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ نامايىشقا قاتناشقانلارنى مەسخىرە قىلماقتا.

 بۇ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ۋاڭ چيەنيەن ۋە ياڭلىلى قاتارلىق بىر تۈركۈم خىتاي زىيالىيلىرى مۇنداق دەيدۇ. " خەلقىنىڭ سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنسا، ئەركىن پىكىر قىلىش، ئەركىن تەشكىللىنىش ھوقۇقى چەكلەنسە؛ ئىنسانىي ھەق تەلەپ قىلغانلارنى سولاپ قامىسا، سۈكۈتتە تۇرغانلارنىڭ، غەرب ئەللىرىگە ۋە تىبەتلىكلەرگە قارشى تۇرۇشى كۈلكىلىك بىر ئىش . بۇلار پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا كوچىغا چىقىۋالغان ساختا ۋەتەنپەرۋەرلەردۇر."
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.