چىڭخەي، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى تۇتاشتۇرۇدىغان تۆمۈر يول ياسالماقچى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسى تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر تۆمۈر يول قۇرۇش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

چىڭخەي ئۆلكىسى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شۆچېڭ، بۇ تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ چىڭخەي كالې كىنى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى تۇتاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۇ تۆمۈر يول لىنىيىسى 481 كىلومېتىرلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا 6. 7 مىليارد يۈئەن خىتاي پۇلى سەرپ قىلىنىدىكەن. لەنجۇدىن باشلىنىدىغان بۇ لىنىيە، قەدىمى يىپەك يولىنى بويلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا سوزۇلىدىكەن ۋە يېقىندا پۈتكەن چىڭخەي-لاسا لىنىيىگە ئۇلىنىدىكەن.

تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى يىتەكچىلىرى، تىبەتكە تۇتاشتۇرۇلغان تۆمۈريول لىنىيىسى، مەدەنىيەت جەھەتتە تولىمۇ ئۆزگىچە بولغان تىبەتكە ئېقىپ كېلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپەيتىپ، بۇ رايۇننىڭ ئېكولوگىيسىگە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خەلقئارادا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

بېيجىڭ دائىرلىرى، چىڭخەي-لاسا تۆمۈر يولنىڭ بۇ نامرات رايونغا گۈللىنىش ۋە زامانىۋىيلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (جۈمە)