خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئاز دېگەندە 20 كىشى ئۆلدى


2004.11.01

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جوڭماۋ ناھىيىسىدە تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئاز دىگەندە 20 كىشى ئۆلگەن 42 كىشى يارىلانغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جوڭماۋ ناھىيىسى خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قورشالغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ناھىيىگە كىرىش -چىقىشى چەكلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى تۇڭگانلار ۋە خىتايلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. لېكىن، شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇشلار جەريانىدا 7 كىشى ئۆلگەن ۋە 42 كىشى يارىلانغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان 18 كىشىنى قولغا ئالغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇڭگانلار ۋە خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ئۆتكەن ھەپتە بىر خىتاي يېزىسىدىن ئۆتكەن تۇڭگان شوپۇرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن باشلانغان ئىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.