ئەنخۇيدە نەچچە مىڭ كىشى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى


2005.06.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى چىجوۋ كەنتىدە يۈز بەرگەن بىر قاتناش ماجىراسى سەۋەبىدىن بۇ يەردىكى نەچچە مىڭ كىشى ساقچىلارنى ئۇرۇپ، ساقچى ماشىنىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان ھەمدە ساقچى ئىدارىسىنىڭ دېرىزە-ئەينەكلىرىنى چېقىپ، ھەتتا ئەتراپتىكى بىر تاللا بازىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ توقۇنۇشتا 6 نەپەر ساقچى خادىمى يارىلانغان ئەمما ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

بۇ قالايمىقانچىلىق يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپ، ئاممىۋىي ئاپتوبۇستىكى 4 يولۇچى يولدا كېتىۋاتقان بىر كىشىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، ساقچىلار بۇ 4 كىشىنى سوراققا تارتىش ئۈچۈن ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ كەتكەن، ئەمما غەزەپلەنگەن ئامما توپلىشىپ ساقچى ئىدارىسىنى قورشىۋالغان ھەمدە ساقچىلارنىڭ بۇ كىشىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا نەتىجىدە بۇ قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن.

نارازىلىق بىلدۈرگەن نەچچە مىڭ ئامما ساقچى ماشىنىلىرىنى ئۆرۈپ ۋە ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ تاشلىغاندىن سىرت، ساقچى ئىدارىسىنىڭ توك يوللىرىنى كېسىۋەتكەن ھەمدە ئۇلارنى توسىغان ساقچىلارنى ئۇرغان.

گەرچە خەۋەردە، بۇنىڭغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئېنىق سانى كۆرسىتىلمىسىمۇ، ئەمما بەزى مەتبۇئاتلاردا بۇنىڭ 10 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ھازىر بۇ قالايمىقانچىلىق پەسەيتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا چېتىلغان 10 كىشى قولغا ئېلىنغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.