تۈركىيە خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە كۈرد مەسىلىسى بويىچە مەخپىي كېلىشىم تۈزگەن

تۈركىيە بىلەن خىتاي 1998 - يىلى ئۇيغۇرلار ۋە كۈرد مەسىلىسى بويىچە تېررورچىلىققا قارشى مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، بىر - بىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كۈردلەرنىڭ تۈركىيىگە قارشى خىتايدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمما ۋەقەدىن خەۋەردار تۈركىيىلىك ئەرباپلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ كېلىشىم ئەينى چاغدىكى تۈركىيە ئىچكى ئىشلارمىنىستىرى سائادەتتىن تانتان بىلەن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جيا چۈنۋاڭ تەرىپىدىن سائادەتتىن تانتان بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا ئىمزالانغان.

ھەر ئىككىلا دۆلەت ھازىرغىچە خىتاي - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا بۇنداق بىر كېلىشىمنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئىككى دۆلەت ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۆز ئارا بېرىپ - كېلىشى روشەن دەرىجىدە كۆپىيىشكە باشلىغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار تۈركىيىلىك ئەرباپلارنىڭ تەكىتلىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىنى تۈركىيە چېگرىسىدىن كىرگۈزمەسلىكىگە بۇ كېلىشىم سەۋەبچى بولغان. تۈركىيە دائىرىلىرى ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانى چېگرىدا توسۇۋالغان ئىدى.

تۈركىيە 1998 - يىلى مەسئۇد يىلماز ھۆكۈمىتى دەۋرىدە مەخپىي ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان يىغىنلارغا قاتنىشىشىنى ۋە يىغىن زالىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئېسىشنى چەكلىگەن ئىدى. (ئەركىن)