خىتاي دائىرىلىرى تور بېتىگە سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى چاپلاشنى چەكلىدى


2008.01.04

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەخسىي تور پونكىتلىرىغا سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەرنى چاپلاشنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىدە بولۇپمۇ شەخسلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاممىۋى تور پونكىتلىرىغا سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەرنى چاپلاشنى چەكلىگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ بەلگىلىمە ھۆكۈمەتنىڭ رادىئو - تېلېۋىزور قاناللىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىنى ئىنتېرنېتكە كېڭەيتىش يولىدىكى بىر قەدەم، دەپ قارىماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ بەلگىلىمە 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بەلگىلىمىدە سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئىنتېرنېتكە چىقارماقچى بولغانلار پەقەت دۆلەت كونتروللۇقىدىكى تور پونكىتلىرىغىلا چاپلىيالايدىكەن. لېكىن دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بۇ تور پونكىتلىرى مەسىلە بار، دەپ قارالغان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرىغا قەرەللىك مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەزكۇر بەلگىلىمە خىتاي دۆلەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە- كىنو باش ئىدارىسى ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، يېڭى بەلگىلىمە ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك تور بەتلىرىگە ئېغىر زەربە بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى رايوندىكى ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان تور بەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى شەخسلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاممىۋى تور بەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، يېڭى بەلگىلىمىنىڭ you tube سىنئالغۇ تور پونكىتىغا ئوخشاش چەتئەلدە تارقىتىلىدىغان، لېكىن خىتايدا كۆرگىلى بولىدىغان بەزى تور پونكىتلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.