كاپىتالىستىك Wal-Mart جۇڭگودا كومۇنىستلاشتى


2006-08-24
Share

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش زەنجىرى بولغان ئامېرىكا شىركىتىWal-Mart (ۋال-مارت) نىڭ جۇڭگودىكى تارماق دۇكانلىرىدا تۇنجى كوممۇنىستىك پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇنى Wal-Mart دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ياچېيكىسىغا ئىگە بولدى، دەپ يازغان. شەرقىي شىمالدىكى شىنياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ بىر ئەمەلدارى، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئامېرىكا يەر شارى كاپىتالىزمنىڭ سىمۋولى بولغان Wal - Mart نىڭ بۇ شەھەردىكى تارماق دۇكىنىدا 12 ‏- ئاۋغۇست كۈنى كوممۇنىستىك پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، Wal - Mart نىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئەمدى كومپارتىيىگە ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلالادىكەن. لېكىن شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، Wal - Mart نىڭ شىنياڭدىكى دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان 700 نەپەر ئىشچى - خىزمەتچىدىن ھازىرغىچە قانچە كىشىنىڭ 70 مىليون ئەزاسى بار بۇ پارتىيىگە ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، Wal-Mart شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ مەسىلىگە دەرھال باھا بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى Wal - Mart خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشىغا قوشۇلغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت