فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 24 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ھەر قانداق بىر شۆبىسىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ياچېيكىلىرى قۇرۇلمىغان ئىدى. يېقىندا، 12 - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىنىڭ كاپىتالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرىدىغان داڭلىق پارچە سېتىش شىركىتى - ۋال-مارتنىڭ خىتاينىڭ شېنياڭ شەھىرىدىكى بىر شۆبىسىدە، تۇنچى قېتىم بولۇپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بىر ياچېيكىسى قۇرۇلغان. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 'ئەمدى ئامېرىكا شىركىتى بولغان ۋال -مارتنىڭ خىزمەتچىلىرى كوممۇنىست پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىرەلەيدۇ' دەپ ئېلان قىلغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر ۋال- مارت شىركىتىنىڭ خىتايدا 30 شەھەردە 60 شۆبىسى بار، ئۇنىڭدا 32 مىڭ خىزمەتچى ئىشلەيدۇ. كاپىتالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرىدىغان بۇ ۋال-مارت شىركىتىدە خىزمەتچىلەرنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت قانۇنىغا رىئايە قىلغان ھالدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرۇش ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئادۋوكاتلار بار. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا، ۋال-مارت شىركىتىنىڭ خىتايدىكى 22 شۆبىسىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ بولغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقى 7 - ئاي ئىچىدە 'خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋال -مارتقا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشقا باشلىدى. ئۇ ۋال-مارتنى ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قارايدىغان، خىزمەتچىلەرنى نامايىش قىلىشقا ئويۇشتۇرمايدىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرغۇزۇشقا مەجبۇرلىماقتا' دەپ بايان قىلغان ئىدى. شۇنداقلا يەنە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدىكى جۇڭخۇا باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جاۋگونىڭ 'دۆلىتىمىزدە مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بىز ھازىر ۋال -مارت شىركىتىنى مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرماي، جۇڭخۇا باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قارىمىقىدا بولىدىغان ئۇيۇشمىلارنى قۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىۋاتىمز' دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن ئىدى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 24 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئامېرىكىنىڭ ۋال -مارت شىركىتىنىڭ خىتايدىكى بىر شۆبىسىدە تۇنچى قېتىم ئۆزىنىڭ بىر ياچېكىسىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن باشلاپ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش شىركىتى دەپ ھېسابلىنىدىغان ۋال-مارت شىركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پارتىيە دەپ ھېسابلىنىدىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە خوجايىنلىق قىلىدىغان بولدى. ۋال-مارت شىركىتىنىڭ ھازىر خىتاينىڭ 30 شەھىرىدە 60 ئورۇندا تاللا بازىرى بار. ۋال-مارت 2006 - يىلى ئىچىدە يەنە 20 ئورۇندا تاللا بازار قۇرىدۇ.
'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كاپىتالىستىك شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان ۋال-مارت شىركىتىنىڭ خىتايدىكى شۆبىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بولغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ياچېيكا قۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقى خەلقئارا ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شېنياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ بىر ئەمەلدارى'كوممۇنىست پارتىيىمىز ھازىر كاپىتالىستىك ئەللەرنىڭ شىركەتلىرىگە تۇنچى قېتىم پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ چىقتى. ئەمدى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ۋال -مارت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە بىۋاستە ئىلتىماس قىلىپ كىرەلەيدۇ' دېگەن. لياۋنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر تەتقىقاتچىسى 'بۇ ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش جەھەتتىكى ئەڭ داڭدار شىركىتى بولغان ۋال-مارتنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باش ئەگكەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ' دېگەن. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكولتېتى مۇدىرى جوڭ ئەپەندى 'كاپىتالىزمنىڭ ھازىرقى ئىگىلىك باشقۇرۇش شەكلى بىلەن ھازىرقى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكى ئوتتۇرىسىدا چوڭ زىددىيەت يوق، ھازىر كوممۇنىست پارتىيە سودا شىركەتلەرنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشىغا مۇداخىلە قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا مەنپەئەت تەگسىلا بولدى، شۇڭلاشقا كوممۇنىست پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ بولۇشى ۋال-مارت ئۈچۈن ئەمەلىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ' دېگەن. (ۋەلى)