ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر يىلى قۇربان ھېيت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنئەنىگە ئايلانغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى يوقلاش ھەرىكىتى بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا داۋاملاشتى.
ئۇيغۇر ئېلىدا چىقىدىغان خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە پۈتۈن رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن، ئۇيغۇر ئېلىدا ھوقۇق تۇتقان سابىق ئۇيغۇر ئەمەلداردىن تۆمۈر داۋامەت، جانابىل، ماينۇر قاسىم، مىجىت ناسىر قاتارلىقلارنى يوقلىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئىسمى ئاتالغان مەزكۇر ئۇيغۇر كاتتىۋاشلىرى، ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ھوقۇق تۇتۇش جەريانىدا ئۆز خەلقى ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئەمەلىي ئىش قىلغان ئەمەس دەپ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقان ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئۇلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ ئوبرازىنىڭ تېخىمۇ خۇنۈكلىشىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدىكەن. (ئەقىدە)