ئامېرىكا خەلق پۇلى سىياسىتى توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى


2005.09.16

"ۋالل سترېت ژورنال گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئەركىن قويۇۋېتىش توغرىسىدا خىتايلارغا نەسىھەت قىلىپ، ئەگەر خىتايلار بۇنى رەت قىلسا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەرگە قارىغاندا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 8 ھەپتە ئىلگىرى جاكارلىغان خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ناھايىتى ئاز مىقداردا ئۆستۈرگەنلىكىدىن ئۈمىدسىزكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىر جون سىنوۋ، بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاي مالىيە مىنىستىرى جىن رېنچىڭ ۋە خەلق بانكىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ شياۋچۈئەنلەر بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىدىكى دائىرىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، يىغىندا جون سىنوۋ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى يىتەرلىك ئۆستۈرۈلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى زاتلار، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سودىسى ۋە ئامېرىكىدا ئىشسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇرماقتا، دەپ ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7- ئايدا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى 2.1٪ ئۆستۈرگەن. ئەمما خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ شياۋچۈئەن، ئۆتكەن ئايدا خەلق پۇلىنى بىر قېتىمدىلا تەڭشەيمەن دېگىلى بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.