خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە خەرىتە سىزىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان 2 نەپەر ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىسنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغان، دەپ چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، چەتئەللىك ئىلمىي خادىملار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رايوندا خەرىتە سىزىش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئېكسپېدىتسىيىلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چوقۇم ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن رۇخسەت ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ھۆجەتتە، چەتئەللىكلەرنىڭ تەكشۈرۈش ۋە خەرىتە سىزاش پائالىيىتى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرى خوتەندە 2 ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىسنى مەزكۇر رايوندىكى سۇ ئىنشائات ئەسلىھەلىرى ۋە ئايدۇرۇمنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلدى، دىگەن سەۋەبلەر بىلەن چىگرىدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە 10 مىڭ دوللار جەرىمە قويغان ئىدى.
ئانالىزچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىكى تەپەككۈر قىلىش ئۈسۈلى، دەپ ئەيىپلىمەكتە. خىتاي ئىستىراتىگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ليۇ شاۋجۈينىڭ قارىشىچە، " خىتاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئورۇنلۇشىشى ھازىرقى زامان سۈنئى ھەمرا تېخنىكىسىدا ھەرگىز مەخپىيەتلىك ئەمەس. " ئۇ، " ياپونىيىلىكلەر شىنجاڭدا لاھىيىلەش ئېلىپ بارغان بولسا، بۇ جوڭگونىڭ ھەربىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، " دەيدۇ. (ئەركىن)