جەنۇبىي خىتايدىكى چۇڭچىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس ۋەقەسىدە 26 ئادەم ئۆلگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئاپتوبۇس يول بۇيىدىكى رېشاتكىغا سوقۇلۇپ 30 مىتېر ئېگىزلىكتىكى ئۆتۈشمە كۆرۈكتىن چۈشۈپ كەتكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئاپرىل بەرگەن خەۋرىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرى بەرگەن ئۇچۇرلاردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئاپتوبۇسقا نورمىدىن كۆپ ئادەم بېسىلغانلىقىنى ۋە ئاپتوبۇس تىز يۈرگەنلىكتىن يول تېيىلغاق بولغاچقا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ مەزكۇر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 25 ئادەم سىغىدىغان ئاپتوبۇسقا 32 ئادەم سېلىنغان ئىكەن.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھايات قالغان 5 ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا ئىكەن.
خىتاينىڭ يوللىرى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ خەتەرلىك بولۇپ، بىخەستە ۋە تەلۋە شوپۇرلار ۋە ناچار يول شارائىتى تۈپەيلى ھەر يىلى مىڭلىغان ئادەملەر خىتاي يوللىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىمۇ، خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە بىر ئاپتوبۇس كۆرۈكتىن چۈشۈپ كېتىپ 30 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە 20 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. (جۈمە)