خىتايدا خرىستىئان مۇرتلىرى قويۇپ بېرىلدى
2008.01.19
مەركىزى ئامېرىكىدىكى، خىتايغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، ئۆتكەن يىلى، خىتاينىڭ خوبي ئۆلكىسىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 18 ئاي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 4 نەپەر خىتاي خرىستىئان مۇرىتىنىڭ قويۇپ بەرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، مەزكۇر تورت نەپەر خىتاي خرىستىئان مۇرىتىنىڭ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللانغانلىقى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات مەۋجۇت ئەمەس دەپ، ئۇلار ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمىنى بىكار قىلغان.
خىتايغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى باب فۇ نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمىنى بىكار قىلىش قارارى، خىتاي ئەدلىيە تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قارار بولۇپ، خىتايدا قانۇن ھاكىمىيىتىنىڭ يەنە بىر غەلىبىسى ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر 4 نەپەر ئەر خىتاي خرىستىئان مۇرىتلىرى، بەش نەپەر ئايال خرىستىئان مۇرىتى بىلەن بىرلىكتە قولغا ئىلىنغان بولۇپ، قولغا ئىلىنغان 5 ئايال 12 ئايلىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مەزكۇر بەش نەپەر ئايال خىرىىستىئان مۇرىتىنىڭ بىرى كېسەل بولغانلىقى سەۋەبىدىن يەنە بىرى تۇغۇت سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىلگەن. قالغان ئۈچى بولسا، ھېلىمۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈچ نەپەر خرىستئان مۇرىتى قولغا ئېلىندى
- خرىستىئانلار پاسخا بايرىمى ئۆتكۈزدى
- خىتايدا خرىستيان ۋە كاتولىك مۇرىتلىرى 20 مىليونغا يەتتى
- خاڭجودا سەككىز نەپەر خرىستىيان پوپى جازالاندى
- كاتولىك دۇنياسىنىڭ لېدىرى، رىم پاپاسى بېنېدىكت 16 نىڭ تۈركىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا
- خىتاي يەر ئاستى دىنىي تەشكىلات ئەزالىرىدىن 15 كىشىگە مەخپى ئۆلۈم جازاسى بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى دىنى ئەركىنلىككە يول قويمىسا ئاقىۋەتتە كۆپ زىيان تارتىدۇ









