خىتاي ئافرىقىدا يېڭى مۇستەملىكىچىلىك يولغا قويۇۋاتامدۇ؟


2006.12.20

xitay-afriqa-200.jpg
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2006 – يىلى 26 – ئاپرىل كۈنى نىگېرىيە پرېزىدېنتى Olusegun Obasanjo بىلەن كۆرۈشمەكتە. خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى ئۈچۈن خۇ جىنتاۋ ئافرىقىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت نوگىرىيىگە بارغان ئىدى. AFP

خىتاي – ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى ئاخىرقى كۈنلەردە خەلقئارا جەمئىيەت ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان قىزىق تېمىلارنىڭنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. خىتاي دائىرىلىرى ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان سودا - ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر ئىككىلا تەرەپنى مەنپەئەتدار قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، خىتاينىڭ رايوندىكى ھەرىكىتىنى "يېڭى مۇستەملىكىچىلىك" ئەيىبلىمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي رايوندىكى دۆلەتلەر بولغان مۇناسىۋەتتە نېفىتنى، دەپ خەلقئارا جەمئىيەت قوبۇل قىلىنغان ئورتاق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى چۆرۈپ تاشلىغان.

خىتاي - ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مېشىل ئاللئوت - ماررىئېنىڭ يېقىندا خىتاي توقۇنۇش ئىچىدىكى ئافرىقا ئەللىرىگە كۆپلەپ قورال - ياراق ساتماقتا، دەپ ئەيىپلىشىدىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قايتا ئۆزىگە تارتتى. بۇ غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتىنى تۇنجى قېتىم ئەيىپلىشى ئەمەس.

خىتاينىڭ ئافرىقىدا سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىش قارا نىيىتى بار

فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاللىئوت - ماررىئې، فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە، ئافرىقىدىكى توقۇنۇش بولىۋاتقان دۆلەتلەرگە كۆپلەپ قورال - ياراق سېتىش بۇ دۆلەتلەردىكى توقۇنۇشنى تېخىمۇ ئۇلغايتماقتا، دەپ تەكىتلىگەن شۇنداقلا ئۇ، خىتاينىڭ ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىشىدا قارا نىيىتى بار، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئانالىزچىلار بولسا خىتاينىڭ ئافرىقا ئەللىرىنى قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلەشتىكى ئاساسى غەرىزى نېفىت ۋە كان بايلىقىغا ئېرىشىش، دەپ كۆرسەتمەكتە شۇنداقلا خىتاي ئافرىقا سىياسىتىدە "كۆرەڭلىك"، قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مېشىل ئاللىئوت- ماررېئى فرانسىيە يۇقىرى پالاتاسىدىكى سۆزىدە، "خىتاي سودا ساھەسى ئافرىقىدىكى نۇرغۇن ساھەلەرگە، بولۇپمۇ نېفىت، رەڭلىك مېتال ۋە كۈندىلىك بۇيۇملار سودىسىغا سىڭىپ كىردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئافرىقا رەھبەرلىرىگە ئافرىقا بىلەن ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مۇناسىۋەت قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن ئەمىلىيەتتە ئافرىقىنىڭ كان بايلىقىنى بۆلۈۋېلىش، سىياسى تەسىرىنى كۈچەيتىش قارا نىيىتى بار"، دەيدۇ.

ئاللىئوت ماررېئىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايمىز، دېسىمۇ، لېكىن ئىمبارگو قويۇلغان بەزى دۆلەتلەردە خىتايدا ئىشلەنگەن قورال - ياراقلارنى كۆپلەپ پەيدا بولۇشى فرانسىيىلىكلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكىدىكى جوڭگو سىياسىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ليۇ شاۋجۇينىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي قوراللىرىنى ئافرىقىغا چىقىرىش ئافرىقىنىڭ تەبئىي بايلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇ، خىتاينىڭ ئافرىقىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن كونا مۇستەملىكىلەر ماڭغان يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى يولى – كونا مۇستەملىكىچىلىك يولى

ئامېرىكىدىكى جوڭگو سىياسىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ليۇ شاۋجۇينىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي قوراللىرىنى ئافرىقىغا چىقىرىش ئافرىقىنىڭ تەبئىي بايلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇ، خىتاينىڭ ئافرىقىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن كونا مۇستەملىكىلەر ماڭغان يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

"تەرەققىيات بايلىققا ئېھتىياج. ئافرىقا بولسا جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدى. ئافرىقىنى خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىيات بوشلۇقىنى تولدۇرىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك رايون دىيىشكە بولىدۇ. شۇڭا جوڭگو ئۈچۈن بۇ يەردە پۇت تىرەپ تۇرۇش مەسىلىسى مەۋجۇت. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا جۇڭگونىڭ بۇ رايوندا تۇتقان ئاساسى يولى كونا مۇستەملىكىچىلىك يولىدا مېڭىشتۇر. بۇ يېڭى تەپەككۈر يولى ئەمەس".

فرانسىيە دۆلەت مىنىستىرى ئاللىئوت ماررېئىي، فرانسىيە كېڭەش پالاتاسىكى سۆزىدە، "چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقا تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشى بىزنى بىئارام قىلمىسىمۇ، لېكىن بۇ ياردەم دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىش كېرەك"، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئافرىقىدىكى توقۇنۇش بولىۋاتقان دۆلەتلەرگە قورال - ياراق بېرىش بۇ يەردىكى توقۇنۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئۇ، فرانسىيىلىك ئەسكەرلەرنىڭ چاد ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى توپىلاڭلارنى باستۇرۇش جەريانىدا ئىسيانچىلارنىڭ قولىدا خىتاي قوراللىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن. ليۇ شاۋجۇي، خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى تەرەپلەرلەرگە قورال - ياراق بېرىش ھەرىكىتىنى كونا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ھەربىي ئىشغالىيىتى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ليۇ شاۋجۇينىڭ ئەسكەرتىشىچە، "خىتاي كونا مۇستەملىكىچىلەرگە ئوخشاش ئافرىقىدىكى دۆلەتلەردە ھەربىي ئىشغالىيەت ھەركىتى ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ، لېكىن جوڭگونىڭ يەرلىكتىكى بىر تەرەپنى قوللاپ يەنە بىر تەرەپكە قارشى تۇرۇش، ئۇلارغا قورال - ياراقنى بېرىش، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ سىياسى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش بۇ ئۇسۇللار كونا مۇستەملىكىچىلىك ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاشتۇر".

ئافرىقىنىڭ بايلىقى ۋە بازىرىغا كۆز تىكىش ئۇ يەرنىڭ تېخىمۇ نامرات ۋە ئارقىدا قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

خەلقئارادا بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتىنى يېڭى مۇستەملىكىچىلىك، دەپ تەرىپلىمەكتە. لېكىن ليۇ شاۋجۇي، بۇنى يېڭى مۇستەملىكىچىلىك دېيىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېڭى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ نىمە ئىكەنلىكىگە تەدبىر بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "يېڭى مۇستەملىكىچىلىك بۇ بىر يېڭى ئۇقۇم. يېڭى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ نىمە ئىكەنلىكىگە ھازىرغىچە ھىچكىم ئېنىقلىما بېرىپ باقمىدى. بىز دۇنيا تارىخىدىن كونا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بەزىلەر يېڭى مۇستەملىكىچىلىك كاپىتالىزم، دېسە، يەنە بەزىلەر يەرشائىرىلىشىش، دەپ قارىماقتا. قىسقىسى بۇنىڭ بەلگىلىك ئېنىقلىما بېرىلگەن ئەمەس"، دەپ كۆرسەتتى. لېكىن ليۇ شاۋجۇي، خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتىدە ئافرىقىدىكى كونا يېڭى خاتا سىياسەتلەرنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىدىن تەلىم ئالمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ، "ئەڭ كونا تەجرىبە ساۋاقلارنىڭ بىرى ئافرىقىنى ھەربىي ئىشغالىيەت بىلەن بويسۇندۇرۇشتۇر. ئافرىقىنى ھەربىي ۋاسىتىلەر بىلەن قالايمىقان قىلىش بۇ ئافرىقىغا ياردەم بېرىشنىڭ يولى ئەمەس. ئىقتىسادى جەھەتتە ئافرىقىنىڭ تەبئىي بايلىقىغا كۆز تىكىش شۇنداقلا ئۇ يەرنى توۋار ساتىدىغان بازار قاتارىدا كۆرۈش بۇمۇ ياخشى ئۇسۇل ئەمەس. بۇ ئافرىقىنىڭ تېخىمۇ نامرات ۋە ئارقىدا قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، " دەيدۇ.

ليۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئافرىقىغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى شۇ جاينىڭ يەرلىك ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ياكى يەرلىك ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىشتۇر. ئۇ، خىتاينى ئافرىقا مەسىلىسىدە "كۆرەڭلىك" قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ليۇ شاۋجۇي بۇنى "جوڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر كېسەللىك، " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتىنىڭ داۋرىڭى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئەمىلىي ئىقتىدارى ۋە كۈچى ئۇنىڭ داۋرىڭىچىلىك ئەمەس. ئۇ بۇ ئەھۋالنى جېڭ خېنىڭ غەربىي ئوكيانغا سەپەر قىلىپ، پادىشاھنىڭ ھەيۋىسى كۆرسەمەكچى بولغانلىقىغا ئوخشاتتى.

خىتاي ئافرىقىدىكى مەپەئەتنى دەپ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى چەتكە قايرىپ قويدى

كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى خىتاي - ئافرىقا مۇناسىۋىتىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئافرىقا بىلەن سودا قىلغاندا نېفىتنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى ئۆلچەملىرىنى بىر چەتكە قايتىپ قويدى، دەپ ئەيىپلىمەكتە.

ليۇ شاۋجۇي، "ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان، ئۆز پۇقرالىرىنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئافرىقىدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى كۈتۈشكە بولامدۇ؟" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتى قىسقا مۇددەتتە ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە يارىسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇدەتتە شۇ جاينىڭ خەلقىنى كۆزدە تۇتىدىغان بىر سىياسەت بولمىسا، بۇنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى خىتاي - ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتىلغان "ئىغۋاگەرچىلىك" ھەرىكىتى، دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، بۇ ھەقتىكى بىر باياناتىدا "گەرچە مەن جوڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىدىن ئەنسىرەيدىغان كىشى ۋە دۆلەتلەرنىڭ روھى ھالىتى ۋە مەقسىدىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن بۇ كىشىلەرگە دەۋر ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى. جوڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىغا توسالغۇ بولىدىغان ياكى جوڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە "ئىغۋاگەرچىلىك" قىلىدىغان ھەر قانداق سۆز ھەرىكەتلەر ئافرىقا خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەيدۇ"، دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.