خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يادرو بومبىسى ۋە ئاتوم سىنىقىغا قاتناشقان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم شۇنداق قارارنى ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
گەرچە، خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستىرى لى شۆجۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى "ياردەم پۇلى " نى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ تارقىتىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولمىسىمۇ، قانچىلىك مىقداردا ۋە قانچە ئادەمگە بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.
ئەمما لى شۆجۇ مەزكۇر ياردەم پۇلى بېرىشنىڭ يادرو سىنىقىغا قاتناشقان ھەربىي - ئوفىتسېرلار ۋە ئاۋام خەلققىمۇ قارىتىلغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن 8 مىليون ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە 15 مىليارد 120 مىليون يۈەن تارقىتىپ بەرگەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.
خىتاي تۇنجى ئاتوم سىنىقىنى 1964- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنور رايونىدا ئېلىپ بارغان بولۇپ، ب ب س دا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا كەلگىچە شۇ خىلدىكى سىناقتىن 40 نەچچە قېتىم ئېلىپ بارغان.
خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستىرى لى شۆجۇ بۇ خىلىدىكى ياردەم پۇلىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىغان يەرلىك ئاممىغا تارقىتىلىدىغان ياكى تارقىتىلمايدىغانلىقى، ئەگەر تارقىتىلسا قانداق يوسۇندا تارقىتىلىدىغانلىقى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالمىغان.
خىتاي 1996- يىلى 7- ئايدا ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە شۇ يىلى 9- ئايدا "ب د ت ئاتوم سىناق قىلىشنى توختىتىش كېلىشىمنامىسى" گە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، بۇ كېلىشىم خىتايدا تېخى ھەقىقىي كۈچە ئىگە ئەمەس. (جۈمە)