خىتايدا 2007 - يىلى 9 - ئايدىن بۇرۇن بىرمىليارد 300 مىليون بانكا كارتى تارقىتىلىپ بولغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا سېتىلىدىغان توۋارلارنىڭ %18 ى بانكا كارتى بىلەن پۇل تۆلىنىدىغان بولغان.
خىتايدا بانكا كارتلىرى بىلەن پۇل تۆلەشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن 183 بانكا بىرلىكتە 120 مىڭ جايغا بانكا كارت ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە خىتاي بۇيىچە بىرتۇتاش پۇل تۈلەش تورى بەرپا قىلغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بانكىلىرىنىڭ پۇل ئابوروتىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرغان دۆلەت بۇيىچە بىر تۇتاش پۇل تۆلەش تورى كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىغا كېڭىيىدۇ. (ۋەلى)