ياڭ جيەنلى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش ۋە ئەركىنلىكنى توسۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى


2007.08.22

خىتايدا بەش يىللىق تۈرمە مۇددىتى توشۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 22 ‏- ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن دوكتور ياڭ جيەنلىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھازىر كەمكۈتسىز ساقچى دۆلىتى بولۇپ قالغان. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خەلق ئىچىدە دۆلەتكە باج تاپشۇرغان ئادەمنىڭ قانداق قانۇنى ھوقۇقى بارلىقى ۋە بۇ ھوقۇقنى قانداق ئىشلىتىشى لازىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتقان ئادەم بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەھبۇسلار خىتاي تۈرمىلىرىدە ئېلىپ بارغان 'دۆلەتكە باج تاپشۇرغۇچىلار ئىنقىلابى' ھۆكۈمەتنى تۈرمىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلىيالىغان.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى ئامېرىكىدا تۇرۇپ قېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان خىتاي پۇقراسى، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇ 2002 - يىلى خىتايغا بېرىپ ئىشچىلار ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا قولغا ئېلىنىپ، 'چەتئەل جاسۇسى' دېگەن بەدنام بىلەن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇخبىرلارغا جاكارلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى توسۇش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق قىلغانسېرى ئۇنىڭ ھوقۇقى شۇنچە زور رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.