يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىدىن بېيجىڭغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان خىتاي ئەرزدارلار سانى كۆپەيمەكتە.
ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى شىخەنزە چۈەن خەي شىركىتىنىڭ خادىملىرىدىن 11 كىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت ساھەسى خادىملىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، 15 كە يېقىن ئەرزدار ئۆز داۋاسىنىڭ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاقىلانە بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كۈتمەكتە.
ئەرزدارلار ئىچىدىكى فېڭ يۇڭجىنىڭ ئېرى دىڭ شىڭمىڭ 2001 - يىلى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ تۈرمىگە سولانغان، 2006 - يىلى سوت مەھكىمىسى ئۇنى گۇناھسىز دەپ جاكارلىغان. مەزكۈر دىلو سەۋەبىدىن دىڭ شىڭمىڭنىڭ ئاتىسى ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلگەن. 7 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىپ كەلگەن فىڭ يۇڭجى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان دەپ 9 قېتىم قاماپ قويۇلغان، سوت تارماقلىرى يەنە دىڭ شىڭمىڭنىڭ نامىدىكى ئاپتوموبىلنى بىكار قىلغاندىن سىرت، ئۇنىڭ ئايالى فېڭ يۇڭجىنىڭ نامىدا ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى تاقىۋەتكەن. دىڭ شىڭمىڭگە تەۋە بىنا سوت تەرىپىدىن سېتىۋىتىلگەن. نەتىجىدە دىڭ شىڭمىڭ روھى جەھەتتىن بۇزۇلۇپ، روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا كىرىپ قالغان.
مەزكۈر دىلونىڭ دىڭ شىڭمىڭ ئائىلىسىگە ئىقتىسادىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئىلى دائىرىلىرى زىياننى تۆلەشنى شۇنىڭدەك خاتا ھۆكۈم چىقارغان سوت خادىملىرىنى جازالاشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)