خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتى تىئىبەتلىكلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىق ھەرىكىتى بىلەن قارشىلاشتى


2006.11.20

خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتىگە قارشى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلى ۋە درامسالا شەھەرلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان تىبەتلىكلەر خۇ جىنتاۋدىن تىبەت مەسىلىسىدە دالاي لاما بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبەتنى باشلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ دۈشەنبە كۈنى باشلانغان ھىندىستان زىيارىتى تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ، 10 يىلىدىن بېرى بىر خىتاي دۆلەت رەئىسىنىڭ ھىندىستاننى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ زىيارىتى جەريانىدا، ھىندىستان پرېزىدېنتى راشتىراپاتى باۋان ۋە باش مىنىستىرى مانموھانسىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا، چېگرا مەسىلىلىرىنى كۆرىشىدىكەن ھەمدە تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا بىر قوشما بايانات ۋە ئون ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىدىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىملەرنىڭ بېرى مەبلەغ سېلىشنى قوغداش مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خىتاي تەرەپ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستاندا مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىدە ھېلىمۇ نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىنى بايان قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىسىمۇ، ئەمما ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت زېمىن داۋاسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاننى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇشى ۋە تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئىختىلاپلار قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.