رۇسىيىدە خىتاي ئىشپىيونلىرى تۇتۇلدى


2008.01.28

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ رۇسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى رۇسىيە تېلېۋىزىيىسى بىرىنچى قانىلى رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ نوۋوسىبىرسك رايونىغا ئورۇنلاشقان بىر خىتاي ئىشپىيونلىرى شايكىسىنى قولغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيىدىمۇ خىتايلارنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى كۆپىيىشكە يۈزلەنگەن ئىكەن. رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرى خەۋەر قىلغان مەزكۇر خىتاي ئىشپىيونلار شايكىسى نوۋوسىبىرسكىدىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ يادرو فىزىكىسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا ئورۇنلىشىپ، بۇ جاي ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ يادرو قوراللىرى تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئوغۇرلىغان. مەزكۇر جاسۇسلارنىڭ قاتارىدا بىر نەپەر خىتاي ئايالمۇ بار ئىكەن.

خىتاي جاسۇسلىرىغا نېمە كېرەك؟

خەۋەردە مەزكۇر خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ۋە كىملىكى ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى ئېيتىلغان. نوۋوسىبىرسك رۇسىيىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىلىم پەن مەركەزلىرىدىن بىرى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كۆپلىگەن ئىنستىتۇتلىرىنىڭ تارماقلىرى مۇشۇ جايغا جايلاشقان. بۇ يەردە ئاساسلىقى رۇسىيىنىڭ بىر قىسىم نازۇك تەتقىقات ساھەلىرى ناھايىتى تەرەققى قىلغان ئىدى. شۇڭا نوۋوسىبىرسكىنىڭ" پەن - تېخنىكا شەھىرى" دېگەن نامىمۇ بار.

رۇسىيە يادرو تېخنىكىسى ئەڭ ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ يادرو قوراللىرى ۋە تۈرلۈك ئىلغار ھەربىي تېخنىكىسى ئۇزۇندىن بۇيان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنلارنى ساقلاپ كەلمەكتە. خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپ ساندىكى خىتايلار رۇسىيىگە كېلىپ تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا. خېلى كۆپ ساندىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى رۇسىيىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى ھەم تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئوقۇپ، ئىلمىي ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەن ھەتتا بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى رۇسىيىنىڭ يادرو فىزىكىسى، ئالەم تېخنىكىسى ۋە ھەربىي تېخنىكا قاتارلىق نازۇك ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىم دەرگاھلىرىدا ئوقۇش، ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ۋە بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا بىخەتەرلىك دائىرىلىرىمۇ بىر قىسىم خىتايلارنىڭ تەتقىقاتچى، ئوقۇغۇچى ۋە تىجارەتچى دېگەندەك ناملار ئامەرىكىدا تۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنولوگىيىلىرى ۋە باشقا نازۇك ئۇچۇرلىرىنى ئوغۇرلاش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قولغا ئالغان. خىتاي ئىشىپىيونلىرى مەسىلىسى ئامېرىكا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى.

رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ۋلادىمىر ۋورونوۋ ئۆزىنىڭ "دوستلۇقتىكى جاسۇسلۇق" ناملىق ماقالىسىدە " رۇسىيە گەرچە خىتاي بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشسىمۇ، بىراق خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى رۇسىيە ھەربىي تېخنىكىلىرىنى بەلكى رۇسىيىگە قارشى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن ئوغۇرلىماقتا" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇنىڭ مىسالى سۇپىتىدە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرى جەريانىدىمۇ بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ سېزىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

رۇسىيە يەنە خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەن ئۆز پۇقرالىرىنىمۇ جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن

رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئىلگىرى كېيىن بىر قانچە رۇسىيىلىكنى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلەپ جازالىغان بولۇپ، رۇسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2003 - يىلى تىنچ ئوكيان ئوكيانشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئىلمىي خادىمى ۋلادىمىر شۇروۋ دېڭىز ھەربىي تېخنىكىسىغا ئائىت ئاپاراتلارنى خىتايغا ساتقانلىقى ئۈچۈن جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىككى يىللىققا كېسىلگەن. 2004 - يىلى كراسنويارسك ئۆلكىلىك سوتى يادرو - فىزىكا ئالىمى ۋالەنتىنە دانىلوۋنى مەخپىي يادرو تېخنىكىسىنى خىتايغا ساتقان دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ خىتاي جاسۇسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. 2005 - يىلى رۇسىيە ئالىي سوتى ئۇنىڭغا چىقىرىلغان كېسىمنى قىسقارتقان. بۇ ۋەقە رۇسىيىنى زىل - زىلىگە سالغان بولۇپ، ھازىرغىچە تالاش - تارتىش قىلىنماقتا.

2007 - يىلى 12 - ئايدا رۇسىيە مەركىزىي ماشىنىسازلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى لېشكىن رۇسىيىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا بەرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇ خىتاينىڭ ئالەم تېخنىكىسى ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىياللارنى تەمىنلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا 11 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىكەن.

بۇ قېتىمقى مەخسۇس خىتاي جاسۇسلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قولغا چۈشىرىلىشى رۇسىيىدە جىددىي ئىنكاسلارنى قوزغىغان بولۇپ، رۇسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پاترۇشېۋ رۇسىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، كۆپلىگەن چەتئەل جاسۇسلۇق دېلولىرىنىڭ داۋاملىق پاش قىلىنىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.