كوممۇنىست مۇستەبىتلىرىنىڭ مەقسىتى خەلقنى ئىتائەتمەن ھايۋانغا ئايلاندۇرۇش

0:00 / 0:00

يېقىندا 'كۆزىتىش ژۇرنىلى' دا "كوممۇنىست مۇستەبىتلىرى خەلقنى ھاقارەتلەپ ئوخشاتمىغان نېمە قالدى ؟" سەرلەۋھىلىك بىر ئەسلىمە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا كوممۇنىست مۇستەبىتلىرى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان پۈتۈن خەلقنى، بولۇپمۇ زىيالىيلارنى ھايۋانلارغا ئوخشىتىپ كەمسىتىپ ھاقارەتلىگەنلىكى، باستۇرۇپ خارلىغانلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

ماۋزېدۇڭ خەلقنى جىن‏ - شەيتان دەپ ھاقارەتلىگەن ئىدى

‏--"مۇستەبىت تۈزۈم ئىنسانىيەتنى خارلايدۇ، خەلقنى ئادەمدىن ئۆزگە بىر نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ" دېگەن بىر سۆز ماركىسنىڭ كىتابىدا بار ئىدى. لېكىن ئۆزىنى 'ماركسىزمچى' دەپ ئاتايدىغان ماۋزېدۇڭ ئۆتكەن ئەسرنىڭ 60 ‏- يىللىرىدا 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى'دېگەن ھەرىكەتنى قوزغىغاندىن كېيىنلا،‏-‏ دەپ باشلايدۇ ئاپتور ياۋ جيەنفۇ ئەپەندى بۇ ئەسلىمىسىنى، ‏-‏ 'خەلق گېزىتى' ماۋزېدۇڭنىڭ تەستىقى بۇيىچە "بارلىق جىن-شەيتانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايلى" دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خەلق، بولۇپمۇ زىيالىيلار 'جىن-شەيتان' ياكى 'كالا' دېگەندەك ھايۋان ناملىرى بىلەن ھاقارەتلىنىشكە ۋە 'قوتان'لارغا سولاپ ئازابلىنىشقا باشلىدى.

كېيىن يەنە 'ئىت'، 'تاشپاقا' دەپ ھاقارەتلىدى

ماۋزېدۇڭ بۇنى ئاز دەپ يەنە تەستىق يېزىپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسورلارنى 'تاشپاقا' دەپ ھاقارەتلىدى. خەلق ئىچىدىكى باشقا زىيالىيلارنى بولسا 'ئىت'، 'نىجاسەت دۆۋىسى' ۋاھاكازا دەپ ھاقارەتلىدى.

ھاقارەت - زۇلۇم ئارقىلىق خەلقنى بوي سۇندۇرۇپ 'ئىتائەتمەن قورال' غا ئايلاندۇرماقچى بولغان ئىدى

‏-‏- ماۋزېدۇڭ خەلقنى بۇنداق ھاقارەت ۋە زورلۇق بىلەن بوي سۇندۇرۇپ، ‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ بۇ ئەسلىمىدە، ‏-‏ ئاخىرقى ھېسابتا، خەلقنى خۇددى لېي فېڭغا ئوخشاش كوممۇنىست پارتىيىنىڭلا بۇيرۇقى بۇيىچە ئىش قىلىپ خەلقنى قىرىدىغان 'ئىتائەتمەن قورال' غا ئايلاندۇرماقچى بولغان ئىدى. ئەمدى يېرىم ئەسر ئۆتكەندە، خىتايدا مۇستەبىتلەر خەلققە سالغان زۇلۇملارنى ئەسلەش ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى، كىشىلىك ھۆرمىتىنى قوغدىشى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك.

مەدەنىيەت ئىنقىلابى' دېگەن ھەرىكەتتە ئۇيغۇرلار تېخىمۇ ئېغىر خارلاندى

ماۋزېدۇڭ قوزغىغان ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇر خەلقى تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ھاقارەتلەندى ۋە خارلاندى. ھازىر شىۋېتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن، 1949 ‏- يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ پەسكەش ناملار بىلەن ھاقارەتلىنىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلارنى خارلاش ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتىدۇ

ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ماۋزېدۇڭدىن قالغان ئادەت بۇيىچە ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەش، ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل بانا ‏- سەۋەب بىلەن زۇلۇم سېلىش ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. (ۋەلى)