دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى


2007.08.08

بۈگۈن 8 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رادىئومىز ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بارغانسېرى ناچارلاشماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىش ئەركىنلىكى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئۇيغۇرلارنى 'دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان' دېگەن بەدنام بىلەن جازالاپ كېلىۋاتىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ بالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سىياسىي، دىنىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى؛ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەركىن زىيارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى يەنە ئولىمپىك كومىتېتىدىن، ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختاتمىسا، 2008 ‏- يىلىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.