خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا ماكانلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا


2007.12.02

ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلۇۋاتقان "غەربىي رايونلارغا ياردەم بېرىش" پىلانى بويىچە ھەر يىلى كۆپلىگەن خىتاي ياشلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشماقتا ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ياخشى ئىمتىياز ۋە پاراۋانلىق كاپالەتلىرى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدا ماكانلىشىشى پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە.

غەربىي رايونلارغا ياردەم بېرىش پىلانىدىن باشقا يەنە 2000- يىلى، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان " غەربنى ئېچىش ئوقۇش مۇكاپات لايىھىسى" دەپ ئاتالغان رىغبەتلەندۈرۈش ھەم ياردەم بېرىش ئوقۇش مۇكاپات سوممىسى يېقىندا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق بازىسى ھېسابلىنىدىغان شىخەنزە شەھىرىدىكى 38 نەپەر خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا بېرىلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، مۇتلەق زور ساننى خىتايلار ئىگىلىگەن شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات بېرىش مۇراسىمىدا مۇكاپاتقا لاياقەتلىك بولغان ھەر بىر ئوقۇغۇچى 5000 مىڭ يۈەندىن نەق پۇلغا ئېرىشكەن. مۇراسىمدا سۆز قىلغان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدا قېلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىق ۋەدىلىرىنى بىلدۈرۈشكەن. شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 8-دىۋىزىيىسىدىكى 60 نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئۇزۇن يىل شىخەنزىدىكى ئالىي ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغان بىر ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپات پىلانى ئاساسلىقى بىڭتۈئەندىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە، بىڭتۈئەندىكى خىتايلارنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقلىرى كۈچلۈك بولماقتا، ھەتتا بىر قىسىم خىتايلار پەرزەنتلىرىنىڭ مۇمكىن قەدەر ئىچكىرى شەھەرلەردىن ئىش تېپىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.