خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جۈمە كۈنى پاكىستان بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، خىتاينىڭ كونا ئىتتىپاقدىشى پاكىستان بىلەن مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ماقۇل بولدى.
پاكىستان سەپىرىنى پەيشەنبە كۈنى باشلىغان خۇ جىنتاۋ، يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى بۇ دۆلەتنى زىيارەت قىلغان تۇنجى خىتاي دۆلەت رەئىسىدۇر. ئىككى دۆلەت شۇ كۈنى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى. تەرەپلەر خىتاي - پاكىستان سودا مۇناسىۋىتىنى كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە 15مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلماقتا.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئىككى تەرەپنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان گۇمانلار بار، دەپ خەۋەر بەردى. خۇ جىنتاۋ پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپ بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا "جوڭگو - پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تۈردە ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئۇزۇن - مۇددەتلىك مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن قارايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.
كۈزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بىر قانچە ئون يىللاردىن بېرى پاكىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قوراللار پروگراممىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ئىسلامئابادنىڭ بۇ دۆلەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى ياكى پائالىيىتىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن.
پاكىستان ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر سىياسى مۇساپىرلىرىنى خىتايغا تۇتۇپ بەرمەكتە. پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن 2 - 3 يىل ئىلگىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرى مەمەت توختىنى خىتاي دائىرىلىرى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ پاكىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىۋەتتى
- خۇ جىنتاۋغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى
- خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتى تىئىبەتلىكلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىق ھەرىكىتى بىلەن قارشىلاشتى
- خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن كۆرۈشمەكچى
- خۇجىنتاۋ خىتايدا خەلقنىڭ داۋالىش چىقىمىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدىغان تۈزۈم تىكلەشنى تەكىتلىگەن