بىر گۇرۇپپا خىتاي زىيالىيلىرى دۆلەت كابىنتىغا خەت يېزىپ " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" قانۇنىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى


2007.12.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4 - دېكابىر خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتايدا "قانۇننى تەشۋىق قىلىش كۈنى"دەپ بېكىتىلگەن 4 - دېكابىر يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرىلا خىتاي خەلق گېزىتى ۋە باشقا دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى تەشۋىقات، ئاخبارات ساھەسى ھەدەپ " قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى" دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا ھەر تۈرلۈك تەشۋىقات ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، 43 نەپەر خىتاي ئاكادېمىك ئالىملار، ئالىي مەكتەپلەردىكى قانۇنشۇناسلار ھەمدە ئادۋوكاتلاردىن تەركىپ تاپقان خىتاي زىيالىيلىرى، خىتاي دۆلەت كابىنتى قانۇن- تۈزۈم ئىشخانىسىغا، خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇق ئوچۇق خەت يازغان.

مەزكۇر ئوچۇق خەت، خىتاي دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، قانۇن ۋە ئىقتىسادشۇناس ماۋ يۈشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەييارلانغان بولۇپ، خەتتە خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولغاندىن باشقا، خىتاي قول قويغان خەلقئارا كېلىشىملەرگىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، " ئەمگەك بىلەن قايتا تەربىيىلەش ئالاھىدە زامان ۋە ماكان شارائىتىدا مەيدانغا كەلگەن تارىخىي ھاسىلات بولۇپ، ئەگەر ئۇ دۆلەت قۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك رول ئوينىغان بولسا، ئۇنداقتا "قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش،" دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى" ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە، يېرىم ئەسىردىن ئۇزاق سوزۇلغان ئەمگەك بىلەن قايتا تەربىيىلەش تۈزۈمى بارغانچە دەۋەر ئېقىمىغا قارشى نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش قەدىمىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلماقتا،" دەپ كۆرسىتىلگەن.

نۆۋەتتە خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ خىتاي دۆلەت كابىنتىغا يوللىغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش قانۇنىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى ئوچۇق خېتى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تور بەتلىرىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.