خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ موسكۋاغا ئېنېرگىيە سودىسى قىلىش ئۈچۈن يېتىپ كەلدى


2007.03.26

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 26 -مارت دۈشەنبە كۈنى موسكۋاغا يېتىپ كەلدى. ئۇ بۇ جەرياندا روسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پوتىن بىلەن خىتاي- روسىيە سودا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە سىياسىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

رۇسلار تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي بىلەن روسىيە ئارىسىدىكى سودا ئالاقىسى ئۆتكەن يىلى 43 پىرسەنت ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۆرلەش يەنىلا خىتايلارنىڭ پايدىسىغا توختىغان. خىتاينىڭ رۇسىيىگە چىقارغان ئېكسپورت مىقدارى 79 پىرسەنت، رۇسلارنىڭ خىتايغا چىقارغان ئېكسپورت مىقدارى 21 پىرسەنت بولغان.

خىتاي- رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى يەنە بىر يوشۇرۇن مۇرەككەپلىك بولسا: رۇسىيىدە نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى، رۇسىيىنىڭ شەرقى رايونلىرىدا ئولتۇراق ئاھالىنىڭ شالاڭلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ رايونلار خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامراپ كىرىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن.

رۇس تەھلىلچىلىرى خىتاي رۇسلارنىڭ ھەربىي رەقىبىگە ئايلىنىشى مۇمكىن دېگەن گۇمانىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان رۇس ھۆكۈمىتى خىتايغا نەچچە مىليارد دوللارلىق رېئاكتىپ ئايروپىلانلار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا، سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە كىچىك تىپلىق قوغدىغۇچى پاراخوتلارنى سېتىپ بېرىپ خىتاينى رۇس ھەربىي سانائىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىستىمالچىسىغا ئايلاندۇرغان ئىدى.

خىتاينىڭ رۇس ئېنېرگىيە بايلىقىلىرىغا بولغان ئېھتىياجى كۈنسايىن ئۆرلىگەن بولسىمۇ، باشقا سودىلىرى پەقەت كىيىم-كېچەم، ئويۇنچۇقلار ۋە ئەرزان باھالىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن چەكلەنگەن.

ئۆتكەن يىللىق بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا سوممىسى 34 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى ئومۇمىي سودا مىقدارىنىڭ ئىككى پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. خۇ جىنتاۋنىڭ رۇس مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا سوممىسى 2010 ‏- يىلغا بارغىچە 60-80 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.