خىتايدىكى نەچچە مىڭلىغان سۇ ئامبارلىرى "مۇددەتلىك بومبا" غا ئوخشاپ قالدى

خىتايدا سۇ ئامبارلىرىنىڭ دامبىسى ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20 ‏- ئاپرىل بەرگەن خەۋىرىدە خىتاي ئاخباراتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، خىتايدا نۇرغۇنلىغان سۇ ئامبارلىرىنىڭ قاشالىرى رىمونت قىلىنىشقا موھتاج بولۇپ، بۇ سۇ ئامبارلىرى يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلارغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرى جياۋ يۇڭنىڭ، شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئېيتقانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھازىر مەۋجۇت 85مىڭ سۇ ئامبىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدا مەسىلە ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: " ئەشۇ مەسىلە ئېغىر سۇ ئامبارلىرى بولسا "مۇددەتلىك بومبا" كەبى سۇ ئامبارلىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا ياشاپ تۇرغۇچى نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلكىنى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراتماقتا". لېكىن ئۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالمىغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى دامبا قاشالىرىنى پۇختىلاش ئۈچۈن ھەر يىلى 5 مىليون يۈئەن پۇل سەرپ قىلىدىكەن.

پەيشەنبە كۈنى گەنسۇدىكى بىر سۇ ئامبىرىنىڭ دامبىسى تېشىلىپ سۇ يار ئېلىپ كەتكەچكە، يەرلىك ھۆكۈمەت سۇ يار ئالغان يېزىدىكى 2 مىڭ 500 ئادەمنى ۋاقىتلىق كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. 2004 ‏- يىلى مايدىمۇ چاڭجىياڭ دەرياسىدىكى بىر توسما يار ئېلىپ كېتىپ 18 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. (جۈمە)