خىتاي بىلەن سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبىتى بېيجىڭدا باشلاندى

دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى مۇشۇ سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ خىتاي تەرەپ بىلەن تىبەت مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلىپ ئىككى كۈن داۋام ئېتىدىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.06.30

 مەزكۇر سۆھبەتكە تىبەت تەرەپتىن لودى گيارى ۋە كېلساڭ گيالتسەنلەر قاتنىشىدىغان بولۇپ، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى سامدھوڭ رىنپوچې بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ 2002 - يىلى باشلانغان تىبەت - خىتاي دىئالوگىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دالاي لاما ۋەكىللىرىنى تىبەت خەلقى ئۆز ۋەتىنىدە يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ياخشىلاش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە چاقىرغان.

دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ خىتايغا سۆھبەتكە كېلىدىغانلىقى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت رادىئو ۋە گېزىتلىرىدىمۇ خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، شىنخۇا ئاخباراتىدا ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلەرگە ئۆز ئىشىكىنىڭ دائىم ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە دالاي لاما تەرەپنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلىرىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۈشەنبە كۈنى خىتاي زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايسمۇ خىتاي تەرەپنى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.