تەيۋەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسىنى ئاشۇردى
2007.04.23
تەيۋەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ زەربە بېرىش مۇساپىسىنى ئاشۇرغان بولۇپ، ھازىر خىتاينىڭ ھەربىي ئايرودروملىرىغا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 23 - ئاپرىل بەرگەن خەۋىرىدە، تەيۋەندىن چىقىدىغان خىتاي ۋاقىت گېزىتى بەرگەن مەلۇماتلاردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، شيۇڭ-فېڭ ( دەھشەتلىك- بوران) 2E تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ زەربە بېرىش مۇساپىسى 600 كىلومېتىرغا ئاشۇرۇلغان. ئەمما، جۇڭشەن پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، بىر نەچچە قېتىملىق سىناق جەريانىدا مەزكۇر بومبىنىڭ زەربە بېرىش مۇساپىسى 800 كلومىتېرغا يەتكەن ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە يەنە، ئەگەر خىتاي بىلەن تەيۋەن ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىسا، مەزكۇر بومبىلار خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتايغا جايلاشقان ھەربىي ئايرودروملىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. خىتاي يېقىندا ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق ئىلان قىلىپ قالسا تەيۋەنگە بېسىپ كىرىمىز دەپ تەھدىت سالغان ئىدى. لېكىن، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرى يۇقىرىقى خەۋەرلەر ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان.
شۇ جاي ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن، تەيۋەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئۆز ئىسمى بىلەن قاتنىشىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: "تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلق ھەرگىزمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلماسلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتىگە تەنھا تاقابىل تۇرماسلىقى كېرەك. بۇ تەيۋەن ئۈچۈن بىر ئادالەتسىزلىك".
چېن شۇيبيەننىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا
- قىسقا خەۋەرلەر
- چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (3)
- چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (2)
- تەيۋەن خىتاينى تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى
- خىتاي بۆلۈنۈشكە قارشى بىر قانۇن يولغا قويماقچى