خۇ جىنتاۋ بىلەن جورج بۇش تېلېفوندا تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
2007.12.06
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 6 - دېكابىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن تېلېفۇن ئارقىلىق سۆھبەتلىشىپ، تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.
سۆھبەت جەريانىدا خۇ جىنتاۋ بۇشقا " : تەيۋەن مەسىلىىسنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك" دېگەن.
پرېزىدېنت بۇش بولسا خۇ نىڭ سۆزىگە جاۋابەن ": ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئامېرىكا تەرەپ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئامېرىكا جۇڭگۇ بىلەن تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدە ھەمكارلىقنى ساقلايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي يوسۇندا تاشقى دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بىراق ئامېرىكا تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى بۇيىچە، ئەگەر تەيۋەن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغداشقا ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى بار.
خىتاي تەيۋەن " مۈستەقىللىق " نى جاكارلىسا، تەيۋەنگە قارىتا قوراللىق ھۇجۇم باشلايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە. تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن بۇ ھەقتە " تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇش - بولماسلىقىنى تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلق بەلگىلەيدۇ" دېگەن ئىپادىسىدە چىڭ تۇرماقتا. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ كەيشىنى ئۇلۇقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەدبىرى بۈگۈن يەنە گومىنداڭچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
- تەيۋەن، بىر خىتاي ئادۋۇكاتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەرز سۇنۇش ئورگانى ئەزالىقىغا قارشى چىقتى
- تەيۋەن خەلقى 'ئۇيغۇر 12 مۇقامى' نى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننى قوللاش ھەرىكىتى
- خىتاي -تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا جاسۇس تۇتۇش بۇيىچە يەنە بىر جىددىي جەڭ باشلاندى
- چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى (1)
- چېن شۈيبيەن : بىر جۇڭگو پرىنسىپى تەسلىم بولۇش كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى پاراتتىن ئۆتكۈزدى
- تەيۋەن دۆلەت بايرىمىدا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرسەتمەكچى









