خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭدا تىبەتنى قوللىغان تۆت چەتئەللىكنى قولغا ئالدى

خىتاي ساقچىلىرى بۈگۈن ئەتىگەندە، بېيجىڭدىكى چاڭگا شەكىللىك ئولىمپىك مەيدانىغا يېقىن جايدىكى بىر چىراق تۈۋرۈكىگە يامىشىپ چىقىپ 'تىبەتكە ئەركىنلىك'، 'پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۈمىدى بىر، ئۇ بولسىمۇ تىبەتكە ئەركىنلىك' دېگەن ئېنگىلىزچە خەت يېزىلغان پىلاكاتلارنى ئاسقان تۆت چەتئەللىكنى تۇتۇپ كەتكەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.08.06

 ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا تىبەتلەرنى قوللاپ نامايىش قىلغان تۆت چەتئەللىكنىڭ ئىككىسى ئامېرىكىلىق، ئىككىسى ئەنگلىيىلىك.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭدا يول چىرىغىنىڭ تۈۋرۈكىگە يامىشىپ چىقىپ تىبەتلەرنى قوللاپ پلاكات ئاسقان ئەنگلىيىلىك ئاين توم يانفون ئارقىلىق مۇخبىرغا 'ھازىرقى ۋاقىت تىبەتلەر ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ۋاقىت، خىتاي ئولىمپىك ئارقىلىق تىبەتتىكى ناچار كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى پەدەزلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ'، دېگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئەنگىلىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھازىر، خىتاي ساقچىلىرى تۇتۇپ كەتكەن ئەنگىلىيىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈۋاتىدۇ ۋە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەكچى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.