خىتاي يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىقىدىغان نارازىلىقلاردىن ئەندىشە قىلماقتا
مۇخبىرىمىز ئەقىدە خەۋىرى
2008.06.12
2008.06.12
12 - ئىيۇن سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى 70 مىڭغا يەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان ياش ئۆسمۈرلەرمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 5 مىليون ئادەم ئوي - ماكانسىز قالدى.
يەر تەۋرەشتە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان ئاتا - ئانىلار، مەكتەپ خارابىلىقلىرىدا توپلىشىپ تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىدى، ئاتا - ئانىلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي ساقچىلىرى، ھەتتا مەكتەپلەرنى پۈتۈنلەي قامال قىلىپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ يېقىنلىشىشىنى چەكلىگەن.
بېيچۈەن رايونىغا تەۋە جايلاردا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر قانچە مەكتەپ ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىغا 50 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ توپلاشقانلىقىنى، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ساقچىلارنىڭ دەرھال مەكتەپ تەۋەلىكىگە چېگرا توسۇپ، كىشىلەرنىڭ يېقىنلىشىشىنى چەكلىگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرگەن.
17 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە مەكتەپ دائىرىلىرى مەكتەپ بىناسىنى ئىنتايىن پۇختا سېلىنغان دېگەن بولسىمۇ، ئەمما قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىسپات كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.









