خىتاي زىيالىيلىرى ھۆكۈمەتتىن خەلقئارالىق ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى


2008.01.01

يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى خىتاينىڭ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئون تۆت مىڭدىن ئارتۇق پروفېسسور، ئادۋوكات قاتارلىق زىيالىيلار، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت يوللاپ، بېيجىڭ ئولىمپىكى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلىرى ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ سەيشەنبە بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن يەنى 1998 - يىلى پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ‏- ھەقلىرى خەلقئارالىق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا ئاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۈر كېلىشىمنامىنىڭ بىر ماددىسىمۇ ھازىرغا قەدەر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەستىقلانمىغان.

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە يازغان ئوچۇق خېتىدە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى دۇنياغا ئالتۇن مېدالنى نامايەن قىلىشلا ئەمەس، بەلكى مۇھىمى ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ھەم قوغداشقا ۋەدە بېرىش ھەم ئۇنى ئىجرا قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتۇر " دەپ يېزىلغان.

خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېزىلغان مەزكۇر ئوچۇق خەتكە ئىمزا ئاتقۇچى پروفېسسورلارنىڭ بىرى شيا يېلاڭنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىنىشىچە، خىتايدا ئىسلاھات باشلانغان ئوتتۇز يىلدىن بۇيان خەلقنىڭ ماددى تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ھەقىقەتەن يۈكسىلىشلەر بولۇۋاتقان بولسىمۇ،يەنى خەلق مەلۇم نىسبەتتە ئىقتىسادى ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي ھەم قانۇنىي سىستېمىنىڭ مۇكەممەل بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، پۇقرالارنىڭ ھوقوقى ھەم سىياسىي ھەقلىرىنىڭ ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلۈشى مۇمكىن بولماي كەلمەكتە.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر خەلقئارالىق ئەھدىنامىنى 10يىلدىن بۇيان تەستىقلىماسلىقىدىكى سەۋەب، ئەھدىنامىدا ئەدلىيە مۇستەقىل بولۇش،پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق ئاساسلىق ماددىلارغا خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىدە كاپالەتلىك قىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىدىندۇر. ئەمما خىتاينىڭ بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىشى ۋاقىت مەسىلىسى دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.