خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر خىتايدا بىر يىل ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 700 مىڭغا يېتىدىكەن. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ سان 85 مىڭ ئەيدىز بىمارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغۇچىلار سانىنىڭ 2006 - يىلىنىڭ ئاخىرى 650 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ يىل 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، خىتايدا 223 مىڭ ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بولسا 62 مىڭدىن ئاشقانلىقى مەلۇم بولغان.
خىتاي سەھىيە خادىملىرى، ئەيدىزدىن يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تەخمىنەن 45 پىرسەنتىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن، 42 پىرسەنتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش سەۋەبىدىن، 12 پىرسەنت كىشىنىڭ ئوخشاش جىنسلىقلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئىلى، خىتاي بۇيىچە ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان رايون بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئەخلاق بۇزۇلۇشىنىڭ كۆپىيىشى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ شىددەت بىلەن تارقىلىشىغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن. (ئەقىدە)