خىتايدا ئۆتكەن يىلى 50 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان
2008.03.28
خىتاي قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پروگراممىسىنى مەملىكەت مىقياسىدىكى 31 ئۆلكىگىچە كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پروگرامما 2010 يىلىغىچە، خىتاينىڭ ھەر بىر شەھەرلىرىگە قەدەر ئومۇملىشىپ بولىدىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە،، ھازىر مەزكۇر ئورگان ئۆز پروگراممىسى ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ساغلاملىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، بۇرۇن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا قارىتا داۋالاش ئىشلىرىنى كۈچەيتىش ھەمدە ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى كېمەيتىشكە ئالاقىدار تەربىيە خىزمەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا تەخمىنەن 700 مىڭ نەپەر ئەيدىز بىمارى بار بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خىتاي قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، پەقەت ئۆتكەن يىلىلا تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بەلكىم خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى ھازىرقى ساندىن خېلىلا يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەيدىز مەسىلىسى ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2006 - يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن 6مىڭ ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ۋە زەھەر چېكىش يوللىرى بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز جەمئىيىتىگە تەھدىت سېلىپ تۇرۇۋاتقان ئەيدىز مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئۆتكەن يىلى 27 - دېكابر قولغا ئېلىنىپ بۇ يىل مارتتا "ئاغدۇرمىچىلىق" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا تارتىلغان ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۇاڭجۇدا تارقالغان قۇش زۇكىمى خىتاينى چۆچۈتمەكتە
- خىتاي دائىرىلىرى ئەيدىز بىمارلىرى ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى زات خۇ جيانى رەسمىي ئەيىبلىدى
- خىتاي يېمەكلىرى خەتەرلىك
- تۇرپاندىكى قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشى تىزگىنلەندى
- خىتاي جياڭسۇدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ ئادەمدىن - ئادەمگە يۇققانلىقىنى ئىقرار قىلدى
- تۇرپاندا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى، مەشھۇر ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى قۇش زۇكىمىدىن سەگەك بولۇشقا چاقىردى
- قۇش زۇكامى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى
- خىتايدا 50 مىليون ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىدە ياشاۋاتىدۇ
- خىتايدا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 700 مىڭغا يەتتى
- 'خىتايچە زامانىۋىي كېسەللىك' كە گىرىپتار بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى 16 مىليونغا يەتتى









