خىتايدا بىر مىنىبۇستا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى


2008.02.23

شەنبە كۈنى ئەتىگەندە، خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى لىيۇياڭ شەھىرىدە بىر مىنىبۇستا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 2 كىشى ئۆلگەن 11 كىشى يارىلانغان. پارتىلاشنىڭ سەۋەبى تېخى مەلۇم ئەمەس.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ لىيۇياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، پارتىلاش، مىنىبۇس شەھەردىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەۋاتقان چاغدا يۈزبەرگەن بولۇپ، پارتلاشتا مىنىبۇس پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ پارتىلاشنىڭ قانداق ۋە كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.