خىتايدا بۇ يىل بىرىنچى ئايدا خەلقنىڭ تۇرمۇش سەرپىياتى %7.1 ئۆرلىدى
2008.02.20
خىتايدا بۇ يىل بىرىنچى ئايدا ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئەڭ كۆپ ئۆرلىدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى ئاي خىتايدا 1996 - يىلىدىن بۇيان تۇرمۇش ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بىر ئاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، گەرچە ھۆكۈمەت 2008 - يىلىنى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يىل دەپ بېكىتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل خەلق تۇرمۇشىدا تۇرمۇش سەرپىياتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىشىگە چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى ئۆتكەن يىلدىكىدىن %58 ئۆسكەنلىكى سەۋەب بولغان.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتايدا 2007 - يىلىدا ئىقتىساد %11.4 يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما پۇلنىڭ پاخاللىشىشى %4.8 گە يەتكەن. بۇ يىل بىرىنچى ئايدا قار ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى تېخى ئاياغلاشمىدى، ئىككىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ، پۇلنىڭ پاخاللىشىشى تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. (ۋەلى)