خۇنەندە بۈگۈن بىر پۇقرا يەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا ئوت قويۇپ 12 ئادەمنى زەخمىلەندۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوغداش ئۈچۈن، جايلاردا جىدىي ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىملىقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، بۈگۈن خۇنەندە تيەن كەييۈ ئىسىملىك بىر پۇقرا ئۆيىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 'قانۇنسىز تۇرالغۇ' دەپ چېقىۋېتىلگەنلىكىگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، جاڭ جاجې كوچىسى ئاھالە كومىتېتى دەپ ئاتىلىدىغان يەرلىك ئاساسى قاتلام ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا ئىككى قوتا پرىسلانغان گازنى پارتلىتىپ ئوت قويغان. بۇ ۋەقەدە 12 ئادەم زەخمىلەنگەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.02

 فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا ئوت قويغان بۇ كىشى، گەرچە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنلا قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت پارتلىتىش - ئوت قويۇش شەكلىنى قوللانغان بۇ كىشى ئۈستىدە تېررورچى ياكى باشقا جىنايى نام بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا شىكايەت سۇنمىغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.