خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداشتا مەسىلە بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرى سۈن جياجىڭ، خىتاينىڭ مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىدە " دۇنياۋىي مەدەنىيەت مىراسى، دەپ ئىلتىماس سۇنۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، لېكىن باشقۇرۇشتا ئاجىز بولۇش، ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىش، لېكىن قوغداشقا سەل قاراشتەك " خائىشلار مەۋجۈتلىقىنى شۇنداقلا " قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىق قىلىش" ۋە " ۋاقتىنچە ئېچىش" ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئەسكەرتىشىچە، سۈن جياجىڭ بەزى جايلارنى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى دۇنياۋىي مەدەنىيەت مىراسى، دەپ قوغداشنى ئىلتىماس قىلىشتا ناھايىتى ئاكتىپ بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداشقا كېرەكلىك باشقۇرۇش، پىلانلاش، قۇتقۇزۇش، رىمونت قىلىش ۋە بىخەتەرلىك خىزمىتى قاتارلىق ئىشلار بىلەن چاتىغى يوق، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەدىمىي مەدەنىي يادىكارلىقلار ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە خانىۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان جايلارنىڭ بىرى. ھەتتا بەزى جايلاردا مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغدىغۇچى خادىملار ئەتكەسچىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا دائىر مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئوغرىلاش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى رايوندىكى قەدىمقى ئىزلار ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ساياھەتكە ئېچىۋىتىشكە قارشى تۇرغان. ئۇلار ، رايوندىكى قەدىمىي ئىزلار ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلار ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋىتىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. سۈن جياجىڭ، بەزى مەدەنىي يادىكارلىقلار ساياھەتكە ئېچىۋىتىلگەنلىكتىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش خەۋپىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالىملار يىپەك يولى مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا
- كرورەن خارابىلىقى 20 يىلدا يوقىلىشى بولۇشى مۇمكىن
- نىلقا ناھىيىسىدە 3000 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە قەبرىستانلىق بايقالدى
- خوتەن قاش تېشىنىڭ تراگىدىيىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا دىققەت قوزغىدى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى مىڭ يىلدىن بېرى باشقۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، دىدى