خىتاي يېڭى يىلدا بىر يۈرۈش يېڭى قانۇن-قائىدىلەرنى يولغا قويدى


2006.01.01

خىتاي ھۆكۈمىتى 2006‏- يىلى 1‏-ئاينىڭ 1‏- كۈنىدىن باشلاپ، 87 تۈرلۈك يېڭى قانۇن-قائىدىلەرنى يولغا قويدى. بۇلار يېزا-ئىگىلىك باجلىرىنى بىكار قىلىش ۋە شەخسلەرنىڭ تاپاۋەت بېجىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ يېڭى يىلدىن باشلاپ، خىتايدىكى 900 مىليون دېھقان 2600 نەچچە يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن يېزا-ئىگىلىك بېجىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلىدىكەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى باجنى بىكار قىلىش دېگەنلىكنىڭ دېھقانلار ئەمدى ھەرگىزمۇ باج تۆلىمەيدۇ دېگەنلىك بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر دېھقانلار تىجارەت ۋە كارخانا قۇرۇش بىلەن شوغۇللانسا، ئۇلارنىڭ يەنىلا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەردىكى باجنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېھقانلارنىڭ ھەر خىل باج-سېلىقلارغا قارشى نارازىلىقلىرى بارغانسېرى ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ داۋاملىق دېھقانلار بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلاتتى. كۆزەتكۈچىلەر ھۆكۈمەتنىڭ، بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا زىيان سېلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يېڭىدىن يولغا قويۇلغان بۇ قانۇن-قائىدىلەرنىڭ ئىچىدە يەنە، خىزمىتىدە خاتالىق ۋە بىخەستەلىك قىلغان كادىرلارنى خىزمىتىدىن توختۇتۇش تۈزۈمى ھەمدە قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئائىت بىر قانچە يېڭى بەلگىلىمىلەرمۇ بار ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.