خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سانائەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن دېھقانچىلىق يەرلىرىگە قويۇلىدىغان يەر بېجىنى 2008- يىلىدىن باشلاپ ئۆستۈرمەكچى ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۇزۇم 2008- يىلى يانۋاردىن باشلان رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ھەر بىر كۋادرات مېتىر يەردىن ئېلىنىدىغان باج بۇرۇنقى 10 يۈەندىن 50 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ تۈزۈم بۇيىچە بۇرۇن باج كەچۈرۈم قىلىنغان چەتئەل شىركەتلىرىدىنمۇ خىتاي ئىچىدىكى يەرلىك شىركەتلەرگە ئوخشاشلا ئۆلچەمدە باج ئېلىنىدىكەن.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىشىچە، ھۆكۈمەت خىتايدىكى ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنىڭ مەنبىيى بولغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قالايمىقان ئىگىلىۋېلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن شۇنداق ھەرىكەت قوللانغان ئىكەن.
خىتاي خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىلىدا تېرىلغۇ يەرلەرنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىش ۋەقەسىدىن 32 مىڭ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدا 130 مىڭ قېتىم يۈز بەرگەن. (جۈمە)