خىتاي ئاپەت رايونىدىكى بىر مىليون 300 مىڭ پۇقرانىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

خىتاينىڭ ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش دائىرىلىرى جۈمە كۈنى سىچۈەننىڭ ميەنياڭ رايونىدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ گۈمۈرۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن سۇ ئاستىدا قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان يېزا - كەنتلەردە بىر مىليون 300 مىڭ ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.30

 دائىرىلەر شەنبە كۈنىدىن باشلاپ ميەنياڭ رايونىدا ئەگەر سۇ ئامبىرى گۈمۈرۈلۈپ چۈشسە، رايوندىكى بىر مىليون 300 مىڭ پۇقرانى قانداق تارقاقلاشتۇرۇش مانىۋېرى ئېلىپ بارماقچى ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھەربىي قىسىملىرى بېيچۈەن ناھىيىسىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى تاڭجياشەن كۆلىنىڭ سۈيىنى ئېقىتىدىغان قاناللارنى قازماقتا. تاڭجياشەن كۆلىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى يېزا - كەنتلەردىن 158 مىڭ ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەسكەرلەر بېيچۈەن ناھىيىسىنى پۇقرالارغا تاقىغان. لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇقرانىڭ تارقاقلاشتۇرۇلىدىغانلىقىغا ئائىـت خەۋىرى يەرلىك قۇتقۇزۇش دائىرىلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.

ميەنياڭ شەھەرلىك يەر تەۋرەش كونترول ۋە قۇتقۇزۇش قارارگاھىنىڭ چېن پەمىلىلىك بىر ئەمەلدارى، بىر مىليون 300 مىڭ ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر توغرا ئەمەس، دەيدۇ. چېن ئەمەلدارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ميەنياڭ ۋادىسىدىن ھازىرغىچە جەمئىي 197 مىڭ ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلۇپ بولغان. ميەنياڭ رايونى خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم يادرو ئەسلىھەلەر بازىسى بولۇپ، دائىرىلەر سۇ بېسىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان رايونلاردىكى يادرو ۋە خىمىيىلىك ماتېرىياللارنى يۆتكەپ كېتىشكە تىرىشماقتا.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى 100 گە يېقىن كونكرېت نېمە ئىكەنلىكى مەلۇم بولمىغان يادرو ئەسلىھەلىرىنى جۈمە كۈنى كەچتىن بۇرۇن بىخەتەر جايغا يۆتكەپ بولۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى، تاڭجياشەن كۆلىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن 5 مىڭ توننا خەتەرلىك خىمىيىلىك ماتېرىياللارنى يۆتكەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.