خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتوڭ شەھىرىنىڭ لۇدىيەن ناھىيىسىدە سەيشەنبە كۈنى كەچتە، 5.6 بال يەر تەۋرەپ، بەش كىشى قازا تاپقان ۋە 6 يۈزدىن كۆپ كىشى يارىلانغان.
ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە يەنە، بۇ رايوندىكى بەش مىڭدىن ئوشۇق ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۆيسىز قالغان 50 مىڭدىن كۆپ كىشى بۇ يەردىكى مەكتەپ ۋە خىزمەت بىنالىرىغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان.
خەۋەردە يەنە، يەر تەۋرەشتە بۇ يەردىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مەزكۇر يەر تەۋرەشتىن كېيىن بۇ رايوندا ھازىرغىچە 90 نەچچە قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش كۆرۈلگەن. شۇنداقلا لۇ دىيەن ناھىيەسدىكى بارلىق دوختۇرخانىلار ھازىر يارىلانغۇچىلارنى ججىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا كىرىشمەكتە.
بۇ رايوندا ئۆتكەن يىلى -7ئايدا 6.2 بال يەر تەۋرەپ، 16 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.(پەرىدە)