خىتايدا بايقالغان خەتەرلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى مىڭ خىلغا يېتىدۇ


2007.06.27

خىتايدىكى يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل تارماقلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتايدا سانائەتتە قوللىنىلىدىغان خېمىيىلىك ماددىلار بىلەن يېمەك-ئىچمەك ئىشلەپچىقارغان 180 شىركەت تاقىۋىتىلگەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 27 ‏- ئىيون كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان 23000 خىل يېمەكلىكنىڭ سانائەتتە قوللىنىلىدىغان ماي، ئېچىتقۇ، راك پەيدا قىلىدىغان خېمىيىلىك ماددا ياكى سالامەتلىك ئۈچۈن خەۋپى بار باشقا ماددىلار بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىك ئىكەنلىكى بايقالغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېمەكلىك سۈپىتىنى تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئاللىقاچان بازارغا سېلىنغان گۈرۈچ، ئۇن، گۆش، دېڭىز يېمەكلىكلىرى، پېچىنە، بوۋاقلار سۈتى، جاڭيۇ ۋە بىر قىسىم تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ پۈتۈنلەي بۇلغانغان ، ئۆلچەمسىز بۇيۇملار ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

بېيجىڭدىكى جاۋ چىڭ ئىسىملىك بىر يازغۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەتەرلىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتلارنىڭ كۆپىنچىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 10 غا يەتمەيدىغان كىچىك زاۋۇت ياكى شىركەتلەر . ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار تامامەن پارىخورلۇق يولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى ئەمەلدارلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ بازارغا سېلىنغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.