خىتاي قورا جاي ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لايىھىسى ھازىرلىدى

پۇقرالارنىڭ قورا جايلىرىنى مەجبۇرى چېقىۋېتىش خىتاي بويىچە زور كۆلەمدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى قورا جاي ئىگىلىرىنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لايىھىسى تۈزۈشكە باشلىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن - تۇزۇم كومىتېتى قۇرۇلتاينىڭ دائىمى كومىتېتىغا مەمۇرى مەجبۇرلاش قانۇن لايىھىسى سۇنغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى بويىچە قورا جاي ئىگىلىرى كۆچۈشنى رەت قىلسا، مەمۇرى دائىرىلەر ئۆي ئىگىلىرىنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك.

ئىنگلىزچە چىقىدىغان " جۇڭگو گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قانۇن، مەمۇرى دائىرىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشدىن ساقلىنىش، پۇقرالارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىكەن. مەزكۇر گېزىت، يەرلىك دائىرىلەرنى "يەرلىك ھوكۈمەتلەر شەھەر قۇرۇلۇشىنى باھانە قىلىپ، ئاھالىلارنىڭ ئۆي ماكانلىرىنى چېقىش ئىشىدا ناھايىتى ئاكتىپ" دەپ ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ، " بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى قانۇنى رەسمىيەتلەرگە سەل قاراپ، ھالىلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلماقتا" دەيدۇ.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر قانۇن بويىچە پۇقرالار ئەگەر قورا جايىنى چېقىشقا رازى بولمىسا، ئۇلارنىڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ۋە تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدىكەن. شەھەر قۇرۇلۇشىنى باھانە قىلىپ، پۇقرالىرىنىڭ قورا جايىنى مەجبۇرى چېقىش خىتاي بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەزىيەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەرلىك پۇقرالار دۇچ كېلىۋاتقان تېخىمۇ جىددى مەسىلە ئىدى.

ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، يەر - مۈلۈك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇنتوڭ شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر شىركەتكە خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

جۇنتوڭ شىركەتلەر گۇرۇھى ئاتۇشنىڭ شورۇخ يېزىسىدىكى 180 ئائىلىنىڭ قورا جايىنى مەجبۇرى سېتىۋالغان بولۇپ، ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت شورۇخ دېھقانلىرىنى كۆچۈرۈش مەسىلىسىدە بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلاشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە غۇلجىدا جياڭسۇ يولى قۇرۇلۇشىنى ياسىغاندا بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلارمۇ مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەن. (ئەركىن)