خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سابىق باش سىكرېتارى جاۋ زىياڭ ئۆلدى
2005.01.17

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سابىق باش سىكرېتارى جاۋ زىياڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئۆلدى. 85 ياشتىكى جاۋ زىياڭ 16 يىلدىن بېرى ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىدا ياشاپ كەلگەن.
خىتايدا ئىقتىسادىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى باشلاپ بەرگەن جاۋ زىياڭ -1989 يىلى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنى قوللاپ، بۇ ھەرىكەتنى باستۇرۇشقا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.
گەرچە خىتايدىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت جاۋ زىياڭنىڭ سىياسىي ئىسلاھات پىلانىغا قارشى چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى.
خىتاي دېموكراتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا خەلقنىڭ قاتنىشىشىغا يول قويۇشىنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە توغرا باھا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋ زىياڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىي ئىسلاھاتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى.(قانات)